ئاتماق

1. پېئىل ①قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق: توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال).*تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال). ②شىددەت بىلەن بىرەر يەرگە تاشلانماق: ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم «ئاكا» دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.*ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى تەگمىدى .③كۆچمە. چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق: چېچەك ئاتماق. ④تىتماق، پارچىلىماق: پاختا ئاتماق. يۇڭ ئاتماق.*ئالتا ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال). ⑤پارتلاتماق: تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق. ⑥كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق، ئۆرلىمەك: قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى .

2. ⑦بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق، ئۈزمەك: ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتا غۇلاچ كېتەر (ماقال). ⑧بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق ،ئۆلتۈرمەك: ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).*دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن. ⑨مىدىرلاتماق، ئويناتماق: ئالمىلىق باغقا كىرىپ، ئالما ئاتقان قارا كۆز، تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ، قاشنى ئاتقان قارا كۆز. ⑩يورۇماق، سۈزۈلمەك: قادىر يېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن تاڭ ئاتتى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *