ئالىم ئەھەت

بېدىش

ئىسىم ①تەك شۇڭلىرىنى ئارتىش ئۈچۈن ياغاچتىن تەييارلانغان جاھازا، چەللە. ②مۇشۇنداق تەييارلانغان ئۈزۈم بارىڭى: تۈلكە ئۈزۈملۈك باغدا بېدىش ئاستىدا تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشقا باشلاپتۇ.

بېدە

ئىسىم <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بۇ ئاساسەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپ قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى چىققاندا ئۇنىڭدىن چۆچۈرە، جۇۋاۋا قاتارلىق تاماقلارمۇ ئېتىپ يېيىلىدۇ.

بېرى

①رەۋىش. سۆزلەۋاتقان كىشى، سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىت ياكى ئورۇنغا يېقىن: بېرى كەلگىن! بېرى ئولتۇرۇڭ! ②تىركەلمە. (چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى » دىن،-تىن» بىلەن كەلگەندە) بەلگىلىك پەيت، «-دىن باشلاپ، داۋامىدا، مابەينىدە، بۇيان، تارتىپ، ئېتىبارەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇزۇندىن بېرى.