ئالىم ئەھەت

بېزەرمەك

پېئىل. يۈزىنى قېلىن قىلىۋالماق، گەپ تەسىر قىلمايدىغان بولۇۋالماق، گۆشەيمەك، بېزەڭلەشمەك:-داداڭ ئىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ماڭمامسەن بېزىرىپ تۇرماي،-دېدى نىيازنى سەل ئىتتىرىپ ھېلىقى چار ساقال كىشى.

بېزەك

ئىسىم ①مارجان، بىلەزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت: قىز-جۇۋانلار قۇلاق، بۇيۇنلىرىغا، بارماق ۋە بىلەكلىرىگە ئالتۇن بېزەكلەر تاقاپتۇ. ②بىرەر نەرسىگە ئىشلەنگەن نەقىش، گۈل: تامغا قاپارتما شەكلىدە ئىشلەنگەن بېزەكلەر نەملىشىپ بۇزۇلۇشقا باشلىغانىدى.

بېزەكلىك

①سۈپەت. بېزىكى بار، ئۈستىگە نەقىش ئىشلەنگەن، بېزەلگەن؛ زىننەتلىك: بېزەكلىك تام. ②سۈپەت. بېزەك قىلىشقا بولىدىغان، بېزەك بۇيۇمى قىلىشقا لايىق: ئامىنە، قارا، قولۇڭغا سالىدىغان بېزەكلىك ئۈچۈن ساپسېرىق ئالتۇن ئالىمەن، ئۇ چاغدا نېمە دەيسەن. ③ئىسىم. تۇرپان ۋىلايىتىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار ساقلانغان بىر جاينىڭ نامى.

بېسىپ ئولتۇرماق

①ئورنىدىن يۆتكەلمەي، قوزغالماي تۇرماق، جىم تۇرماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىشنى قادىلىپ تۇرۇپ قىلماق، بېرىلىپ بېجىرمەك، قاتتىق ئىشلىمەك: ئۇ قولىدىكى شۇنچە نۇرغۇن ماتېرىيالنى بېسىپ ئولتۇرۇپ بىر ھەپتىدە يېزىپ تۈگەتتى.