ئالىم ئەھەت

بېرىپ

①«بارماق» پېئىلىنىڭ رەۋىشدىشى: ئايىمخان ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئوغلىنى كۆرۈپ كەلدى. ②يۈك «شۇنداق قىلىپ، نەتىجىدە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بۇ ئىش ئاخىرى بېرىپ سۇغا چىلاشتى.

بېرىلمەك

①«بەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: بۇ ئامانەت ئىگىسىنىڭ ئۆز قولىغا بېرىلىدۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىش، نەرسە ياكى كەسىپكە قىزىقىپ قالماق، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىرىشمەك: ئىلىمگە بېرىلمەك. تەتقىقاتقا بېرىلمەك.