ئالىم ئەھەت

بېسىۋالدى

ئىسىم [بېسىپ+ئالدى] <بوتانىكا> كۈزلۈك قوغۇنلارنىڭ بىر خىلى. ئادەتتە پوستى قېلىن، ئېتى چىڭ بولۇپ ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئاپتاپقا سېلىنىپ ساقلانسا، ئەتلىرى يۇمشاپ، پوستى نېپىزلەپ يېيىشلىك بولىدۇ. رەڭگى كۆپىنچە پىياز كۆكى رەڭگىدە كېلىدۇ.

بېشارەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ①ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر، بەلگە، ئۇچۇر: قارنىڭ مۇنداق كۆپ ياغقىنى مول ھوسۇلنىڭ بېشارىتى ②ئىپادە، ئىنكاس، ئىشارەت: باشلىقنىڭ سۆزىدىن ئۇ ئاللىقانداق بىر ھېكىمەتنىڭ بېشارىتىنى سەزگەنىدى.

بېشى ئاسمانغا تاقاشماق

چەكسىز خۇشاللىققا چۆممەك، ئىنتايىن ھاياجانلانماق: كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭ قولۇڭدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەرى داڭلىق ئادەم بولۇپ قالسا، قېرىغىنىڭدا ئۇ سېنى يوقلاپ كېلىپ، ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ سالام بەرسە، سېنىڭ بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشمامدۇ؟

بېشى چۈشمەك

①ئوسال ئەھۋالدا قالماق، تەن بەرمەك: ئەمەلىي پاكىتلار ئالدىدا ئەمەتنىڭ بېشى چۈشتى. ②روھسىزلانماق، چۈشكۈنلەشمەك: ئاكتىپلارنىڭ بېشى چۈشتى، دۈينى ساقلاپ قېلىش راستتىنلا ناھايىتى قىيىن ئىدى.