ئالىم ئەھەت

بەرجەس

سۈپەت [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①زور كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان: جوتۇ-كەتمەنلەر بەرجەس مۈرىلەردە پارقىرايتتى. ②ساغلام؛ روھلۇق؛ تېتىك: بۇ ئۇنىڭ ئاپەتلىك يىللاردىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي، روھسىزلانماي، بەرجەس تۇرغانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى. ③سالماق، تەمكىن، مەزمۇت: ئالىم يېشى 50 تىن ئېشىپ قالغىنىغا قارىماي، ياشلار ئارىسىدا بەرجەس قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.