ئالىم ئەھەت

بەزگەك

ئىسىم <تېبابەت> ①جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل، بەزگەك پلازمودىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ پاشا ئارقىلىق يۇقىدۇ؛ مەزگىل بويىچە تۇتىدۇ. ئالامەتلىرى: بەدەننى تىترەك باسىدۇ؛ قىزىتىپ قاتتىق تەرلىتىدۇ؛ باشنى ئاغرىتىدۇ؛ ئېغىزنى قۇرۇتىدۇ؛ ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. ②شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى.