ئالىم ئەھەت

بەرمەك

پېئىل ①ئۆزىدە ياكى يېنىدا بولغان بىر نەرسىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزماق، ئىختىيارىغا تاپشۇرماق: بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول (ماقال). ②تەمىنلىمەك، تارقاتماق: دارامەت بەرمەك. مائاش بەرمەك. ③ھاسىل قىلماق، نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەك: ئۈنۈم بەرمەك. پايدا بەرمەك. مېۋە بەرمەك. ④بىرەر مۇئەسسەسەگە ياكى ئورۇنغا كىرگۈزمەك، ئورۇنلاشتۇرماق: يەسلىگە بەرمەك. مەكتەپكە بەرمەك. ⑤قەرز ياكى ئۆتنىنى تۆلىمەك؛ قايتۇرماق: تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي (ماقال). ⑥بىرەر تۈس، كۆرۈنۈش، كەيپىيات ھاسىل قىلماق؛ بەخش ئەتمەك، بېغىشلىماق: ئارام بەرمەك. تەسىر بەرمەك. ⑦نەشر قىلىدىغان نەرسىگە كىرگۈزمەك؛ باسماق، ئېلان قىلماق: بۇ ماقالىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانىدا بېرىمىز. ⑧ئوقۇتماق، ئۆگەتمەك؛ تەربىيىلىمەك: سىز بىزگە خۇش خەت بىلەن ھېسابتىن دەرس بېرەتتىڭىز. ⑨(خوتۇن-قىزلارنى) ياتلىق قىلماق، تالالىق قىلماق، ئەرگە چىقارماق: ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر (ماقال). ⑩سۇنماق، ئۇزاتماق، ئىلتىپات قىلماق:...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

بەرىبىر

رەۋىش [بارى+بىر] ①ئوخشاش، پەرقسىز: گۆھەر نەدە بولسا ئۇ بەرىبىر گۆھەر.-* ئۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، گەرچە مەڭگۈ يۈز كۆرۈشەلمىسەكمۇ!- دېدى ئاسىيە. ②ھەرقانچە قىلغان بىلەن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان: ئادەمنى ئاغرىق تۇتىدىغان بولسا بەرىبىر تۇتۇۋېرىدۇ.

بەرىكەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①جىق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدىغان ئۈنۈم: بەرىكەت بەرمەك.-* خۇدا ساڭا بەرىكەت بەرسۇن ياخشى ئىشلە،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ②موللۇق، كەڭ-كۇشادىلىق، باياشاتلىق: ئۆتتى چاغ ھەر كۈنلۈكى بەرىكەت بىلەن، ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى ئەمگەك بىلەن. ③پايدا، مەھسۇلات، ھوسۇل، مېۋە، نەپ، نەتىجە: ئەمگەك بىلەن ھەرىكەت-ئالتۇن بىلەن بەرىكەت (ماقال).