ئالىم ئەھەت

پادىشاھلىق

ئىسىم ① پادىشاھ بولۇش، پادىشاھ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە، خىزمەت: بۇ قەلەندەر ئون تۆت يىل پادىشاھلىق قىلدى. ②سۈپەت. پادىشاھلارغا خاس: پادىشاھلىق ئۇنۋان. پادىشاھلىق سۈپەت. ③ئى<تارىخ> پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى دۆلەت: سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى. ④ئىسىم. پادىشاھلاردەك باياشاتلىق؛ ھۇزۇر-ھالاۋەت: تەننىڭ ساقلىقى-پادىشاھلىق (ماقال).

پادىشاھىئالەم

ئىسىم [پارسچە، ئەرەبچە] «ئالەمنىڭ پادىشاھى» دېگەن مەنىدىكى ھۆرمەت ۋە تەكەللۇپ سۆزى: ۋەزىر پادىشاھقا:-خوش پادىشاھىئالەم، سىلىنىڭ بۇ خىزمەتلىرىگە بىز بېشىمىز بىلەن تەييارمىز،-دەپتۇ.

پار

①سۈپەت [رۇسچە] بىر يۈرۈش، بىر قۇر (كىيىم-كېچەك ھەققىدە): بىر پار كىيىم. ②سۈپەت [رۇسچە] جۈپ: بىر پار پايپاق. بىر پار ئاياغ. بىر پار ياغلىق. ③سۈپەت [رۇسچە] بىر-بىرىگە ماس، تەڭ:-قانداق خانىملار، بىزنىڭ سەنۇبەر ھەربىرلىرىگە پار كېلەمدىكەن؟ ④ئىسىم [رۇسچە] سۇنىڭ گاز ھالىتى؛ ھور: پار قازىنى. پار تۇرۇبىسى. پارغا ئايلانماق. ⑤ئىسىم [رۇسچە] <بىناكارلىق> پار قازىنىدا قىزدۇرۇپ ئۆيىمارەتلەرنى ئىسسىتىش ئۈچۈن تۇرۇبا ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن ھور ياكى ئىسسىق سۇ. ⑥ئىسىم [رۇسچە] <بىناكارلىق> ئۆي ئىچىگە ئورنىتىلغان رادىئاتور ۋە پار تۇرۇبىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى: ئۆيگە پار ئورناتماق. ⑦تەقلىد سۆز. قۇياش، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ نۇر چېچىش ھالىتى؛ ۋال: بۇ خىل مۇھەببەت يوپۇرماق ئۈستىدىكى بىر تامچە شەبنەم، كۈن پارلا قىلسا يوق.

پارا

ئىسىم [پارسچە] مەلۇم بىر مۇددىئا ياكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ ئىش بىلەن ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسكە قانۇندىن تاشقىرى بېرىلگەن پۇل ياكى ماددىي نەرسە؛ ئارىلىق: پارا بەرمەك. پارا ئالماق. پارا يېمەك.

پارات، پاراتى

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] ①قوشۇنلار ۋە پائالىيەت دۈيلىرىنىڭ ھەرىكەت تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك كۆرەك: ھەربىي پارات. ②كۆرەكتە بەلگىلىك ھەرىكەت ۋە كىيىنىش بىلەن مەيداندىن تەنتەنە قىلىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى: تەنھەرىكەتچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.