ئالىم ئەھەت

پاراسىمپاتىك

سۈپەت [رۇسچە<گرېكچە] نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى. يۇقىرى قىسمى ئوتتۇرا مېڭە بىلەن ئۇزۇنچاق مېڭىدىن، تۆۋەنكى قىسمى يۇلۇننىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن باشلىنىپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارغا تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، يۈرەك قىسقىرىشنى تورمۇزلايدۇ، ياكى ئاستىلىتىدۇ، كۆز قارىچۇقىنى تارايتىدۇ، ئۈچەي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ.

پاراشۇت

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <ھەربىي ئىشلار> ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ياكى نەرسىلەرنى ھاۋا بوشلۇقىدىن يەرگە ئاستا قوندۇرۇش ياكى سەكرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈنلۈكسىمان ئەسۋاب.