ئالىم ئەھەت

پىلىك

①ئىسىم. بىر ئۇچى چىراغنىڭ يېغىغا چىلىنىپ تۇرىدىغان، يەنە بىر ئۇچىغا ئوت يېقىلىدىغان، پاختىدىن ئېشىلگەن ياكى ماتادىن تىكىلگەن بۇيۇم: چىراغ پىلىكى. شام پىلىكى. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يۇمشاق، بوش، ياۋاش: ئۇنىڭدىن غەم يېمە،-دېدى زاھىر ماڭا،-ئۇ 51 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشتىن چىققاندىن كېيىن پىلىك بولۇپ كەتتى.

پىلىكئوت

ئىسىم [پىلىك+ئوت] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئۈستى قىسمى دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىيتى سوغۇق بولۇپ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش رولى بار، بۆرەككە پايدا قىلىدۇ، سۈيدۈكنى ماڭغۇزىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن تېپىلىدۇ.

پىلىكلىك

سۈپەت ①پىلىكى بار، پىلىك بىلەن يانىدىغان، پىلىك ئورنىتىلغان: كارىدوردىكى ئون پىلىكلىك كىرسىن ئوچاققا ئېسىلغان قازاندىن سۇيۇقئاش سۈيىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى بىنا ئىشىكى ئالدىدىن ئۈتۈۋاتقان تامچىلارنىڭ دېمىغىغا ئۇرۇلاتتى. ②پىلىك قىلىشقا بولىدىغان، پىلىك قىلىشقا ئىشلىتىدىغان: پىلىكلىك پاختا. پىلىكلىك لاتا.