ئالىم ئەھەت

پىننە

ئىسىم <بوتانىكا> كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غول ۋە يوپۇرمىقى خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈشنى، ھۆللۈكنى قايتۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، قۇسۇشنى توختىتىدۇ.

پىنھان

سۈپەت [پارسچە] كىشىنىڭ نەزىرىدىن خالىي، كىشى نەزىرى ئاسان چۈشمەيدىغان، خىلۋەت، خالىي: پىنھان جاي. ②يوشۇرۇن، مەخپىي: قىز ماڭا قاراپ:-سەن بۇ يەردە كۆرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ يۈرمە!-دېدى. مەن:-ئەلۋەتتە پىنھان تۇتىمەن!-دېدىم.

پىيادە

[پارسچە] ①رەۋىش. قاتناش قورالىسىز، ئۇلاغسىز، ئۆز ئايىغى بىلەن، ياياق: پىيادە يۈرمەك. *ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ (ماقال). ②ئىسىم. كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىللە كېلىپ قاتناش قورالىسىز، ئۇلاغسىز يول يۈرىدىغان كىشىنى بىلدۈرىدۇ: پىيادىلەر يولى.