ئالىم ئەھەت

ئازابلىق

سۈپەت ①جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتە قىينالغان؛ دەردلىك، قايغۇلۇق: ناخشىسىز، ئۇسسۇلسىز ئۆتكەن كۈنۈم سىرتماقتا تۇرغاندەك ئازابلىق! ②جاپا-مۇشەققەتلىك؛ مۈشكۈل، قىيىن، تەس: ئىككى چاقىرىمدىن ئوشۇقراق ئازابلىق سەپەردىن كېيىن، ئۇلار ئۆڭگۈرگە يېتىپ كەلدى.

ئاتماق

1. پېئىل ①قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق: توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال).*تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال). ②شىددەت بىلەن بىرەر يەرگە تاشلانماق: ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم «ئاكا» دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.*ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى تەگمىدى .③كۆچمە. چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق: چېچەك ئاتماق. ④تىتماق، پارچىلىماق: پاختا ئاتماق. يۇڭ ئاتماق.*ئالتا ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال). ⑤پارتلاتماق: تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق. ⑥كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق، ئۆرلىمەك: قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى . 2. ⑦بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق، ئۈزمەك: ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتا غۇلاچ كېتەر (ماقال). ⑧بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق ،ئۆلتۈرمەك: ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).*دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن. ⑨مىدىرلاتماق،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئازاد

سۈپەت [پارسچە] ①ئۆز ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ئۆز قولىدا بولغان، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن قۇتۇلغان؛ ھۆر، ئەركىن: ئازاد ۋەتەن. ئازاد زامان. ئازاد بولماق. ئازاد قىلماق. ②ئۆز ھالىغا، مەيلىگە قويۇلغان، ھېچقانداق مەجبۇرىيەت بىلەن باغلانمىغان؛ بوش: «ئون ئىككى مۇقام» ئۆزىنى مەلۇم ھېكايىلىق تارىخىي داستان ياكى قەھرىمانغا باغلاپ، چېتىپ قويىدىغان تارىخىي چەكلىمىدىن ئازاد.

ئازادلىق

ئىسىم ①ئازاد بولغان، ئازادلىققا ئېرىشكەن ھالەت؛ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك: سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئازادلىقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەلۋەتتە جىنايەت بولىدۇ. ②مەملىكىتىمىزدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىت:-ئازادلىقتىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلغاندىڭىز؟-دەپ سورىدى قۇربان شۇجى نامان تاغىدىن. ③كونا دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشىدىن بۇرۇن قويۇپ بېرىش.