ئاينىماق

1. پېئىل ①تۈسى، رەڭگى ئۆزگىرىپ، بۇرۇنقى ھالىتىنى، بۇرۇنقى رەڭگىنى يوقاتماق؛ ئۆڭمەك. ②مىجەز-خۇلقى، ئەدەپ-ئەخلاقى يامانلاشماق، يامان تەرەپكە ئۆزگەرمەك، بۇزۇلماق: يىراقتىكى دۈشمەندىن، ئاينىپ كەتكەن دوست يامان (ماقال). 2. ③پىكرىدىن، نىيىتىدىن، سۆزىدىن قايتماق، پىكرىنى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمەك: مادوتەينىڭ خېتىنى مەندىن ئالدىڭىز، ئەمدى نېچۈن بىلمىدىم ئاينىپ قالدىڭىز؟ ④ئەقلىدىن ئازماق، ئېلىشىپ قالماق، ساراڭ بولماق: ھەي، كىچىك ئەپەندى، قارىغىنا، چوڭ ئەپەندىڭنى! ئاينىپ قالدىمۇ؟ نېمە؟ ⑤ئىلىشماق: كۆڭلى ئاينىماق. 3. پېئىل ①تۇتماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك: خوپ ئاينىدى كۆچەتلەرمۇ چېچەكلەپ، مېۋە ئالدۇق كۈزدە راسا ئېتەكلەپ. ②كۈچەيمەك، ئېغىرلاشماق: ئەنۋەرنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئاينىپ قالدى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *