ئا

ئاسما

①سۈپەت. ئېسىپ قويىدىغان، ئېسىپ قويۇش ئۈچۈن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان: ئاسما بۆشۈك. ئاسما كۆۋرۈك. ②ئىسىم. كىيىم تىكىدىغان ماشىنىنىڭ بىر ئۇچى مېڭىگە يەنە بىر ئۇچى چوكىغا تۇتىشىپ، ئىككىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر خىل سايمىنى.

ئاشنا

ئىسىم [پارسچە] ①دوست، يار-بۇرادەر؛ تونۇشبىلىش: مەن ئۇ كۈنلەرنى كىتابنى يار، تەتقىقاتنى ئاشنا تۇتۇپ ئۆتكۈزمىگەن بولسام، بىر مىنۇتمۇ ياشىيالمىغان بولاتتىم. ②ئادىشى، ئوينىشى: ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما (ماقال).