ئا

ئاغماق

1. پېئىل ①بىرەر تەرەپكە يېتىپ قىيا ھالەتكە كەلمەك، قىيسايماق: ھارۋىدىكى يۈك سول تەرەپكە ئېغىپ ھارۋا ئۆرۈلۈشكە باشلىغاندا، ھارۋىكەش ھارۋىنى دەرھال توختاتتى. ②توغرا يولدىن ياكى بەلگىلىك يۆنىلىشتىن چەتنىمەك، چەتكە چىقماق: ئايروپىلان ھاۋا يولى يۆنىلىشىدىن ئاغدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. غەلىتە، بىر قىسما بولماق: نېمە ئۈچۈندۇ ر يۈرىكىم بىردىنلا ئېغىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدىم.

2. ④بىرەر تەرەپكە يۆنەلمەك، قارىماق: ئاغدى كۆزى، كۆردى ئۇندىن تال-تال دورىنى، كۆردى ئوماق جىلۋە ئەيلەپ تۇرغان يارىنى. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىر تەرەپكە ئۆتمەك، يۆتكەلمەك، مايىل بولماق، يان باسماق: ھازىرقى زاماندا كىم ئەمەلدار بولسا كىشىلەر شۇنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئۇنىڭغا ئاغىدۇ.

ئابستراكتلاشتۇرماق

①«ئابستراكتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى. ②نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ مۇھىم ۋە مۇئەييەن بەلگە، قانۇنىيەتلىرىنى ئاجرىتىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ بەزى ئەرزىمەيدىغان تەرەپلىرىنى ياكى باغلىنىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزمەك.

ئاق تاشلىق كىتاب

بەزى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنتنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلغان سىياسىي، دىپلوماتىيە، مالىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھۆججەتلىرى. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مۇقاۋىسى ئاق بولغاچقا «ئاق تاشلىق كىتاب» دەپ ئاتالغان.

ئاپېلسىن

ئىسىم [رۇسچە<گوللاندچە] <بوتانىكا> ①رۇتا ئائىلىسىگە كىرىدىغان كىچىك دەرەخ. يالغۇز ياكى توپ ھالەتتە ئاق چېچەكلەيدۇ، پىشقان مېۋىسى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. ②شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى.