ب

باسقۇنچى

ئىسىم ①زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ باشقىلارنى بۇلاپ-تالايدىغان باسمىچى، بۇلاڭچى، باندىت: ئەگەر جامائەت لايىق كۆر سە، باسقۇنچىلارنىڭ كەينىدىن بىز ياشلار قوغلاپ بارايلى، بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مانا مەن تەييار. ②زورلۇق كۈچ بىلەن باشقا يۇرتنى، ئەلنى بېسىۋالىدىغان تاجاۋۇزچى: مەغرۇرلىنىپ ئالدانمىغىن ھېچ، ئۇتۇقلار مەن تەرەپ قاراپ ئاقىدۇ. «مەزلۇم ئەل قىساسى!» دەپ كۆتۈرگىن قىلىچ، باسقۇنچى ئەبلەخلەر گۆرىن تاپىدۇ. ③زورلۇق بىلەن ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ نومۇسىغا تەگكۈچى: كىچىك قىزلارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن باسقۇنچى قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

باش چۆكۈرمەك

بىرەر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشمەك، قېتىرقىنىپ ئىزدەنمەك، چوڭقۇرلاپ كىرمەك: باش چۆكۈرۈپ ئوقۇۋاتىمەن، يېزىۋاتىمەن، ئاۋۋال مېڭەمدىن قىزنى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن.

باشلامچى

①ئىسىم. بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى ئادەم: بىز بۇ ئىشتا باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ②سۈپەت. بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان، باشلايدىغان: ئۆتكەنكى ئون يىل ئىچىدە بىئولوگىيە تەبىئىي پەنلەر ئىچىدىكى باشلامچى پەن بولدى.

باقاۋۇل

ئىسىم. تارس. پادىشاھ، خان سارايلىرىدا پادىشاھ ۋە خانلارغا تاماق تەييارلاشقا مەسئۇل مەنسەپدار: پادىشاھ ھىلىقى مەخلۇقنى جاڭگالغا مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا باقاۋۇللارنى بۇيرۇپتۇ.

بالا

①ئىسىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق: بالىنى ئېمىتمەك. بالىسىغا ئەمچەك سالماق. ②ئىسىم. ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت: مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال). ③ئىسىم. بويىغا يەتمىگەن ئادەم؛ ياش: قىز بالا. ئوغۇل بالا.*ئادەمنىڭ مېۋىسى-بالا (ماقال). ④سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېشى چوڭ بولسىمۇ گۆدەكلەرچە ئىش، قىلىقلارنى قىلىدىغان؛ نادان: بالا، قىلغان ئىشىڭ چالا (ماقال). ⑤سۈپەت. كىچىك، ياش: بالا ئىشچى. بالا پادىشاھ. ⑥ئىسىم. يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھايۋان ياكى تۇخۇمدىن چىققان قۇش: قاغا بالام ئاپئاق دەيدۇ، كىرپە بالام يۇمشاق دەيدۇ (ماقال). ⑦سۈپەت. بىر تۈردىكى چوڭ-كىچىك نەرسىلەرنىڭ كىچىكى: بالا مەش. بالا توقاچ. بالا يەڭ. بالا تام.