ب

بىلەرمەن

سۈپەت ①ھەممە ئىشتىن خەۋەردار؛ كۆپنى بىلىدىغان؛ بىلىملىك؛ ئۇستا: بىلەرمەن كىشى. ②ئۆزىنى بىلىملىك دەپ ھېسابلايدىغان؛ ھەممىنى بىلىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدىغان: بۇرۇنقى زاماندا بىر-بىرىدىن «بىلەرمەن» ئەر-خوتۇن بولغانىكەن.

بىنەزەر

[پارسچە+ئەرەبچە] ①سۈپەت. نەزەرگە ئالغۇسىز، نەزەر سالغۇسىز، ئەرزىمەس: ئادەم مەيلى ئالىيجاناب، ئۇلۇغ بولسۇن، ياكى يارىماس بىنەزەر بولسۇن، ھامان بىركۈنى قارا توپىغا كۆمۈلۈپ كېتىدىكەن. ②رەۋىش. نەزەر سالماستىن، پەرۋاسىز: ھېلىقى كىشى گىدىيىپ؛ بىنەزەر ئۆتۈپ كەتتى.