ب

بەستلىك

سۈپەت. قەددى-قامىتى بار، قەددى-قامەتلىك، گەۋدىلىك، قاۋۇل، ئۇستىخانلىق: يېشىغا نىسبەتەن بەستلىك، يوغان كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان غەيرەت بۇ ئادەمنىڭ تاققا-تۇققا گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ، دادىسىنىڭ كۆزىگە مەنىلىك قاراپ قويدى.

بەلچە

①ئىسىم. ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇتقۇچلۇق تۆمۈر ئەسۋاب. ②ئىسىم. كۆكتات ۋە زىرائەت مايسىلىرى ئارىسىدىكى ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئوتىغۇچ. ③ئىسىم. دىئالېكت. مەش ۋە ئوچاقتىن كۈل ئالىدىغان بەل گۈرجەك. ④ھارۋىنىڭ ئىككى شوتىسىغا ئورنىتىلغان، شوتىغا قېتىلغان ھايۋاننىڭ بېلىگە تارتىلىدىغان تاسما، بەلۋاغ.