ب

بۇس

ئىسىم ①نەرسە-كېرەكلەردىن، ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ تىنىقىدىن چىققان سېسىق ئاچچىق پۇراق؛ ھىد: ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس (ماقال). ②پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن چىققان ھور: تونۇرنىڭ بىر تەرىپىدىن بۇس چىقىپ تۇراتتى.

بۇقا

①ئىسىم. كالىنىڭ پىچىلمىغان ئەركىكى. ②ئىسىم. دەريا، ئېقىن سۇلىرىنى قايتۇرۇش ياكى مەلۇم ئېگىزلىككە سۇ چىقىرىش ئۈچۈن تۈرمەل سالغاندا كېرەك بولىدىغان ئۈچ ئاچا قىلىپ باغلانغان ياغاچ.

بۇلانماق

①«بۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: مەن يولدا كېتىۋاتقاندا ئىككى كىشى تەرىپىدىن سومكام بۇلاندى. ②«بۇلىماق» پېىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: ئۇلار لاي-پاتقاققا بۇلىنىپ كەتتى. ③«بۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: تالاغا چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئىنىم توپىغا بۇلانغان بىر پارچە گۆشنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى.