ب

بىخلىماق

پېئىل <دېھقانچىلىق> ئۇرۇق تۆرەلمىلىرى يېتىلىپ ئۇرۇق پوستىنى يېرىپ چىقماق؛ دەرەخلەرنىڭ يىلتىز ۋە غول شاخلىرى بىخ چىقارماق، بىخ ئۇرماق، بىخ سۈرمەك:-قەلبىم بېغىدا باشقا بىر غۇنچە بىخلىدى،-دەپ داۋاملاشتۇردى خېتىنى مەھەممەت.

بىر

①سان. ئەڭ كىچىك ساناق سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن «1» رەقىمى: گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال).*بىرنى بىرگە قوشسا ئىككى بولىدۇ. ②ئىسىم. ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى «ئى» بىلەن كېلىپ مەلۇم بىر «كىشى، ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بىرىدىن قۇتۇلۇپ ئونىغا تۇتۇلدۇم (ماقال). ③ئالماش. ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ «شۇ»، «مۇشۇ»، «ئوخشاش بىر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ھېيتەم ئەر-خوتۇن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. ④ئالماش. ئېنىقسىز قوشۇمچە ۋەزىپىسىدە كېلىپ «قانداقتۇر، ئاللىقانداق، قايسىدۇر، قاچاندۇر» غا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: بىر كۈنى. بىر ئاخشىمى. ⑤رەۋىش. پېئىللارنىڭ ئالدىدا ھالەت بولۇپ كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ: بۇ خەۋەر مەھەللىگە بىر كەلدى. ⑥ئالماش. «كىم»، «نېمە» سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېنىقسىز ئالماش رولىدا كېلىدۇ: ئايگۈل يولدا تونۇش بىركىم ئۇچراپ قالسا بولاتتى، دەپ پات-پاتلا ئەتراپىغا...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

بىردەك

سۈپەت ①بىر خىلدا، ئوخشاش، تەكشى، باراۋەر: مەيلى ياشانغانلار ۋە ياكى كىچىكلەرگە بولسۇن بىردەك مۇئامىلە قىلىش لازىم. ②بىر نەرسىدەك، مەھكەم: ھەر مىللەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

بىرنۆرى

باغلىغۇچى [بىر+نۆرى] مەيلى، تۇرۇپ تۇرسۇن: ئېيتىڭا، ماڭا ئوخشاش ئولتۇرسا-قوپسا دۈينىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدىغان ئادەمنى يولدىن ئازدىڭ دېسە قاملىشامدۇ، باشقىسىمۇ بىرنۆرى، مېنىڭ ھار ئالغىنىم ئەبىلغازىنىڭ مۇشۇ سۆزى.

بىسات

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ئۆي سەرەمجانلىرى: ئۇلار قاتتىق قىشتا ئۆي بىساتى بېسىلغان ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى. ②كىشىدە بولغان ھەممە نەرسە، بايلىق: مېنىڭ بارلىق بىساتىم مانا مۇشۇ بىر ساندۇق كىتاب.