ب

برونزا

[رۇسچە<فرانسۇزچە] ①ئىسىم. مىسنىڭ قوغۇشۇن، قەلەي، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىسى. ②ئىسىم. شۇ قېتىشمىدىن ياسالغان تۈرلۈك قورال-جابدۇقلار. ③سۈپەت. (ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى) كىشىلەر برونزىدىن ياسالغان قورال-جابدۇقلارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ھەم برونزا قوراللارنى ئىشلەتكەن: برونزا دەۋرى.

بوران

ئىسىم ①توپا-چاڭ ئارىلاش چىققان شىددەتلىك شامال. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. داغدۇغا ۋە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت:-ھە، ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ قانداق شامال بولاتتى، شامال ئەمەس، ئىنقىلاب بورىنى-دە!-دېدى رەيھان كامىلغا.

بوغچا

ئىسىم. رەخت ياكى تېرىدىن تىكىلگەن، ئوقۇغۇچىلار دەپتەر-قەلەملىرىنى سالىدىغان، دولىغا ئاسىدىغان ياكى قولىدا كۆتۈرىدىغان خالتا:-بوغچىنى تۈنۈگۈن تىكىپ بەرسەم بۈگۈن يەنە يىرتىپسەنغۇ؟!-دېدى مەريەمخان ئاچا ئوغلىغا كايىپ.