ب

بوغۇز

ئىسىم ①ئېغىز بوشلۇقىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ ۋە كېكىردەك باشلانغان يېرى؛ يۇتقۇنچاق، گال. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئەجەللىك جاي، ئۆلۈم گىردابىدىكى جاي: جان بوغۇزىغا كەلمەك. ③تۈرلۈك چۆگۈن، ئىدىش، قاپاق، ئاپتۇۋا قاتارلىقلارنىڭ ئاغزىدىن قورسىقىغىچە بولغان تار جايى. ④ئىككى سۇ كۆلى ياكى دېڭىزنى تۇتاشتۇرغۇچى تار سۇ يولى: تەيۋەن بوغۇزى. ⑤ئىسىم. ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئاشلىقتىن تەييارلانغان ئوزۇقلۇقى: قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋرا تېشەر (ماقال).

بولارلىق

سۈپەت. بولىدىغان، بولۇشقا ئەرزىيدىغان: سىنىپىمىزدا گۈلنىسا، رەيھانگۈل قاتارلىق يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئۈلگە بولارلىق ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن قىزىلگۈل تاقىدى ۋە خاتىرە بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.