ب

بوۋاسىر

ئىسىم [ئەرەبچە] <تېبابەت> مەقئەت بىلەن تۈز ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدىكى كۆك تومۇر قان ئۇيۇپ قېلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك، ئالامىتى: قىچىشىدۇ، قاتتىق قىزىرىدۇ، ئاغرىيدۇ، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىدۇ.

بىئوفىزىكا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <بىئولوگىيە> فىزىكىلىق پرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق جانلىق ئورگانىزملارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى مېخانىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئارىلىق پەن.

بىرمۇنچە

ئالماش [بىر+مۇنچە] ①بىرنەچچە، بىرقانچە: بىرمۇنچە ۋاقىت. ②مەلۇم مىقداردا، بەلگىلىك ساندا، مەلۇم دەرىجىدە، خېلى، جىق: ئۇ يېنىغا قارىۋىدى، بىرمۇنچە دۈشمەننىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.