ب

باسماق

پېئىل ①يول يۈرمەك، دەسسىمەك، ماڭماق: ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە (ماقال). ②بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە باشقا نەرسىنى قاچىلىماق، جايلاشتۇرماق: ماشىنىغا ئوغۇت باسماق. ③يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچ بىلەن نىقتىماق: ئاسىم ئۇنىڭ مۇرىسىدىن باستى. ④قاپلىماق، ئورىماق: ئايرىلغاننى قارا باسار، بۆلۈنگەننى بوران (ماقال).*ھاۋانى تۇمان باستى. ⑤نەشر قىلماق: مەن بولسام يازىمەن، ماۋۇ ئاغىنەم تۇردى بولسا كىتاب-ماقالە باسىدۇ. ⑥ئۈستۈن كەلمەك، ئارتىپ كەتمەك، ئېشىپ چۈشمەك: نەيگە تەڭكەش قىلىنغان بىر غېجەكنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى نەينىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتكەنىدى. ⑦ياقماق، تەگكۈزمەك: باغرىغا باسماق. ⑧بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئىز چىقارماق، تىكمەك: كەشتە باسماق. تامغا باسماق. ⑨پەسەيتمەك، تىنچىتماق، ھاي بەرمەك، يالتايماق: ئۆزىنى باسماق. ⑩ ئۇرماق: دەررىگە باسماق. ⑪ئۈستى ئۈستىگە قويماق، تەخلىمەك: چۆپ باسماق. ⑫كۆچمە مەنىدىكى سۆز. زورلۇق...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

باشقىرتچە

①سۈپەت. باشقىرتلارغا، باشقىرت خەلقىگە، باشقىرت تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، باشقىرت خەلقىگە خاس بولغان: باشقىرتچە كىيىم. باشقىرتچە ناخشا. ②ئىسىم. باشقىرت تىلى، يېزىقى: باشقىرتچە سۆزلەشمەك. ③رەۋىش. باشقىرت تىلىنى ئىشلىتىپ، باشقىرت تىلىدا: باشقىرتچە سۆزلىمەك.

باشلانماق

پېئىل ①باشلاش ئىشى ئورۇنلانماق: كىنو باشلاندى. مېھمانلار زالغا باشلاندى. ②يېتىپ كەلمەك: سوغۇق باشلاندى. تارىم دەرياسى تەڭرى تېغىنىڭ ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ. ③«باشلىماق» پئېىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: بۇ ئۆتۈك ياخشى باشلىنىپتۇ.

باغاشلاشماق

«باغاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: يۈرىكىم ئېيتتى: «جەنۇب ئۈزۈك بولسا، كۆز بولۇپ يەكەن ئاڭا خوپ ياراشتى». سېنىڭدە تۇرغان قۇتلۇق كۈنلىرىمدە ئىلھاملار نەزمە بىلەن باغاشلاشتى.

بالاخور

سۈپەت [ئەرەبچە+پارسچە] ①باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان، ھارام تاماق: ئۇ غەزىپىنى زورىغا بېسىپ، كۆزلىرىگە غىل-پال ياش ئالغان ھالدا:-ھۇ، تويماس بالاخور!-دەۋەتتى. ②بالايىئاپەت، خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىدىغان؛ جېدەلخور: نادىر:-بۇ بالاخور ئايروپىلانلارنى يوقاتماي تۇرۇپ، قايسى يۈزۈم بىلەن قىسىمغا قايتىمەن؟! دېدى.