ب

باشقا

①سۈپەت. يات، غەيرىي؛ بىراۋ؛ بۆلەك، ئۆزگە: ئويى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا (ماقال). ②رەۋىش. قايتا، يەنە: بۈگۈن ياخشى قارىيالمىدىم، باشقا كەل. ③تىر. تاشقىرى، سىرت:-شۇ ئېيتقانلىرىمدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيمەن،-دېدىم.

باغلىغۇچ

ئىسىم. دېھقانلار ۋە شۇ تۈردىكى ئىشلاردا، ھارۋا ياكى ئات-ئۇلاغلارنىڭ تۈرلۈك تاسما-تانىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەندە شۇلارنى ئۆزئارا ئۇلاپ چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارماق توملۇقىدىكى ياغاچ ياكى تۆمۈر ئەسۋاب. كۆپىنچە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە مۈڭگۈزىمۇ باغلىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.