ب

باغلىماق

پېئىل. ①باغ، تۈگۈن سېلىپ ئۇلىماق ؛چىگمەك: بەتىنكىنىڭ بوغقۇچىنى باغلىماق. ②ئارغامچا، باغلىق، بوغقۇچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرەر نەرسىنى قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ تاڭماق: بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس (ماقال).*تىلسىز ئادەمنى باغلىغىچە ئىزا تارتساڭچۇ! مانا مەندەك ئادەمنى باغلاڭلار. ③ئورناتماق، تۇرغۇزماق، تىكلىمەك: مۇھەببەت باغلىماق. ④مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك، يېقىنلاشتۇرماق، چېتىشتۇرماق: مەسىلىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ قاراش كېرەك. ⑤قونماق، قاپلىماق: شىرنە باغلىماق. ⑥ياسىماق: سۇپا باغلىماق. ⑦ئەسىر قىلماق، مەپتۇن قىلماق، ئۆزىگە قارىتىۋالماق:-چىرايلىق يۈزۈڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە باغلىدىڭ. ⑧ئەتمەك، ياپماق، توسىماق، تاڭماق: جاللات كېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپتۇ. ⑨توسماق، تۇتماق، باشلىماق: سۇ باغلىماق.

بالا-چاقا

①بىر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك، قىز-ئوغۇل بالىلار: يۈسۈپ توختى:-ئاتا-ئانا بىلەن بالا-چاقا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ۋاپادارلىق بولۇشى كېرەك،-دەيتتى. ②ئائىلە ئەزالىرى؛ خوتۇن ۋە بالىلار: ئايىمخان ئاچا:-ساۋۇت، مە، بالا-چاقاڭدىن خەت كەپتۇ،-دەپ يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى.

بالدىرغان

ئىسىم <بوتانىكا> كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك كېلىدۇ؛ مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ؛ تېبابەتتە دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، ئاچچىق، زەھەرسىز بولۇپ، سوغۇق يەلنى، ھۆللۈكنى قايتۇرىدۇ؛ ئاغرىق باسىدۇ.