ئە

ئەدەس

ئىسىم [ئەرەبچە] <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پاكار ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۆت جۈپتىن يەتتە جۈپكىچە بولىدۇ؛ گۈلى ياز مەۋسۇمىدە ئېچىلىدۇ. ئۇرۇقى بىر-ئىككى تال بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقىدا لەڭپۇڭ ئۇنى ياكى يەم-خەشەك ئىشلەشكە بولىدۇ.

ئەزىمەت

[ ئەرەبچە] ①سۈپەت. كاتتا، بۈيۈك، زور: ئىلىخو. .. ئىلىخو. … ئەزىمەت شەھەر، تاغلاردىن قوش قانات ئاچقان ئىشىكسەن. باغرىڭدىن باتۇرلۇق ئوغۇزىنى ئېمىپ، پالۋانلار ئويغانغان ئالتۇن بۆشۈكسەن. ②سۈپەت. ھەر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەتلىك، قۇدرەتلىك، مەرد: كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئەزىمەتنى، ئۇ يالغۇز ئەمەلدارلىق قىلىشنىلا ئەمەس يەنە تراكتور ھەيدەشنىمۇ بىلىدىكەن، يېزا كادىرى دېگەن شۇنداق بولسۇن-دە! ③سۈپەت. مەرد، باتۇر، پالۋان، قەيسەر: دوستۇم كامال، گەپ قىلساڭچۇ، سەن باتۇر-ئەزىمەت ئىدىڭغۇ ! ④ئەرلەرنىڭ ئىسمى.