پېئىل ①بېسىپ مىجىقلىماق، يانجىماق؛ سىقىپ سۈيىنى چىقارماق: غۇلام ئالدىراش يۈگۈرۈپ كىردى-دە، پىشىپ تۈۋىگە چۈشكەن بىر شاپتۇلنى دەسسەپ ئېزىۋەتتى. ②ئۇرۇپ، سوقۇپ ئۇۋاقلىماق، يۇمشاتماق، ماكچايتماق: ئۇ يۇمشىتىلىدىغان خام دورىلارنى ھاۋانچىدا ئېزىۋاتاتتى. ③نەمدەپ ياكى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى چىقارماق، سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرماق: گۈلسۈم چاي ئىستاكانلىرىغا چاقماق قەنت سالدى-دە، چاي قوشۇقى بىلەن ئاستا مالتىلاپ ئېزىشكە باشلىدى. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. جەبىر، زۇلۇم سالماق؛ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق: ھۇسەيىننىڭ دادىسى گومىنداڭنىڭ چوڭ بىر ئەمەلدارى بولۇپ، خەلقنى ئېغىر ھالدا ئەزگەنىدى. ⑤كېسەل ياكى قىيىنچىلىق جىسمانىي جەھەتتىن بوشاشتۇرماق: خۇشاللىقنى ئۇنتۇدى پەرھات، يۈزلىرىدىن كۆچتى قىزىللىق. كۆزلىرىدە ئوينىدى ھەسرەت، ئەزدى ئۇنى مىسكىن يېتىملىك. ⑥ روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق، چۈشكۈنلۈككە ئۇچراتماق، قىينىماق؛ بىئارام قىلماق، ھاياجانلاندۇرماق: ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى يۈرەك-باغرىمنى ئەزدى. قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يۈرىكىمنى ئەزدى. ⑦ بىرەر...
داۋامىنى ئوقۇڭ!