ئە

ئەنزە

ئىسىم [خەنزۇچە] <قانۇنچىلىق> جەمئىيەتتىكى تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە دەۋا ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە: ئەنزە ئاغدۇرماق. ئەنزە تۇغدۇرماق.

ئەينەك

ئىسىم [پ ①] قاتتىق ۋە چۈرۈك بولغان بىر خىل سۈزۈك جىسىم، ئۇ ئادەتتە كۋارتسلىق قۇم، ھاك تاش، ساپ ئىشقار قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن ياسىلىدۇ. ②قارشىسىدىكى نەرسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئادەتتە كىشىلەر ئۆز ئەكسىنى كۆرىدىغان، ئارقىسى سىرلانغان مەخسۇس شېشە: مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ. ③يىراقتىكى نەرسىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان، كىچىك نەرسىلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان، كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان مەخسۇس شېشە ئەسۋاب: بۈگۈنكى ئالىملار ئاسماننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئەينىكى ئىجاد قىلدى. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. بىرەر ھالەتنى، ھادىسىنى كۆز ئالدىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ياكى يورۇتۇپ تۇرغان نەرسە؛ ئۈلگە، نەمۇنە: تۇرغۇن ھەقىقەتەن قەيسەر جەڭچى. ئۇنىڭ پەزىلىتى مەن ئۈچۈن ئەينەك. ⑤كۆزگە تاقايدىغان ئەينەك (كۆزەينەك): ئۇ ئەينەكسىز...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەيىبسىز

سۈپەت ①ئەيىبى يوق، گۇناھسىز: ئەيىبسىز دوستنى ئىزدىگەن دوستسىز قالار (ماقال). ②جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، نۇقسانسىز: يالقۇن ھەر جەھەتتىن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلارلىق دەرىجىدە ئەيىبسىز يىگىت بولدى.

ئەۋرەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <دىن> ①شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە تەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان يېرى، يەنى ئەرلەرنىڭ كىندىكتىن تىزغىچە، ئاياللارنىڭ بىلەكنىڭ بېغىشىدىن بويۇنغىچە، بويۇندىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى. ②جىنسى ئەزا: ئەۋرىتىنى ياپماق.

ئەۋلىيا، ئەۋلىياسى

ئىسىم [ئەرەبچە] <دىن ①> ئېتىقادلىق، دىندار كىشىلەر نەزىرىدە گويا ئاجايىپ كارامەتلەرگە ئىگە، كارامەت كۆرسىتەلەيدىغان، مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغان مۇقەددەس، ئەزىز ئادەم: ئۇ دەرەختىن چۈشۈپ سەپەرگە قاراپ:-مەن بۈگۈنگىچە ئەۋلىيالارنىڭ بۇنداق كارامەتلىرىنى كۆرگەن ئەمەس ئىدىم، -دەپتۇ. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. گەپ، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ مەنبەسىگە چۈشىنىپ يەتكەن؛ دانىشمەن، ئۇلۇغ ئادەم: مەھمۇت قەشقەرى تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەۋلىيا، ئۇلۇغ شەخس. ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. مۇبالىغە، مەسخىرە قىلىشتا كىنايە ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:-بەللى، پاسارئاخۇن تازا ئەۋلىيا ئىكەنسىلە ! چۈشۈڭلىگە نېمە كىرسە شۇنى دەمسىلە؟-دېدى ھېكىم.

ئەبجەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ئەرەب ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە ھەر قايسى ھەرپنىڭ سان قىممىتىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن ئويلاپ چىقىرىلغان سەككىز سۆزنىڭ بىرىنچىسى. بۇ سەككىز سۆز «ئەبجەت، ھەۋۋەز، ھۇتتىي، كەلەمەن، سەئۇفەس، قەرەشەت، سەخخەز، زەزەغ» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.