ئە

ئەجدىھا، ئەجدىھاسى

ئىسىم [پارسچە] ①ئەپسانىۋى چوڭ يىلان. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. قانخۇر، ياۋۇز، زالىم: سەن بولساڭ بىر ئادەم، بەگ بولسا ئەجدىھا، ئۇنىڭ ئېزىق گۆشى بولاي دەمسەن؟ ③<ئاسترونومىيە> دېھقانلار كالېندارىدىكى ئون ئىككى مۈچەلنىڭ بەشىنچىسىنىڭ نامى.

ئەختەر

ئىسىم [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①زۈھەل يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ يۇلتۇز: قانائەت كۆكسىنى تىلغان شىجائەت قەلىمى بىرلە، بىلىمنىڭ كانىنى ئىزدە ۋەتەن بەختىگە ئەختەر تاپ. ②ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەر-خوتۇنلۇق

ئەر بىلەن خوتۇن ئارىسىدا بولىدىغان، ئەر بىلەن خوتۇنغا خاس: ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقان ئاچا-ئۇكا بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىنىدى. ئەمما دادام بىزنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى تەرەپكە تارتماقچى بولدى.