ئە

ئەللەيلىمەك

پېئىل. بوۋاق بالىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ ياكى يۆگەككە ئوراپ، «ئەللەي، ئەللەي» دەپ ياكى ئەللەي قوشىقى ئېيتىپ مىدىرلاتماق، تەۋرەتمەك، ئەللەي ئەتمەك: تۇرسۇنگۈل بوۋاق بالىسىنى بۆشۈككە بۆلەپ ئەللەيلەپ ئۇخلاتتى.

ئەلھۆكمىلىللا

ئىملىق سۆز [ئەرەبچە] <دىن> تەقدىرنىڭ ھۆكمى شۇ، باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئىلاج يوق، دېگەن مەنىلەردە تەن بېرىش تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ: بىزدە نېمە ئامال بار؟ كەلگەن بالا-قازاغا ئەلھۆكمىلىللا دېمەستىن باشقا چارىمىز يوق.