پ

پاناھلىق

ئىسىم ①قوغدىلىدىغان ئورۇن، جاي، ماكان؛ ئۆزىنى قوغداشقا يېتەرلىك شەرتشارائىت: پاناھلىق بەرمەك. ②مېھرىبانلىق، مېھىرشەپقەت: پاناھلىق تىلىمەك.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پاي

①ئىسىم [پارسچە] بىرەر تىجارەت ياكى كەسىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن شېرىكچىلىك ئاساسىدا قوشۇلغان ھەسسە؛ ئۈلۈش، دەسمايە: پاي پۇلى. پاي قوشماق. ②ئىسىم. پۇت، ئاياغ؛ تاپان: كۆرسەتكىن نىزارىنىڭ خانىسىنى، مەن ئۇنىڭ ئىز-پايىنى قىلاي تاۋاپ. ③ئىسىم. بىر جۈپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىرى: سىڭار پاي ئاياغ. ④مىقدار سۆز. نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ؛ دانە، تال: ئون ئىككى پاي ئوق. تۆت پاي قاسقان. ⑤ئىسىم. ئاياغ ئىزى كۆپ تەگكەن؛ كۆپ دەسسەلگەن يەر ياكى نەرسە: جۇۋازنىڭ پېيى. ⑥ئىسىم. بۇغداي، شال، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئورۇلۇپ، باغلانغان ھالىتى: پاي تىكمەك. ⑦ئىسىم. غەيرەت؛ چىدام، بەرداش: پاي بەرمەك.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پايلاقچى

ئىسىم ①بىرەر ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئامانلىقىنى، بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا، كۆزىتىپ تۇرۇشقا قويۇلغان كىشى؛ كۆزەتچى، ساقچى: ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ئىككى ياش قىزنى پايلاقچى قىلىپ قويۇپ ئۇلارغا ھېچكىمنى بۇ ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكنى بۇيرۇدى. ②بىرەر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى يوشۇرۇن كۆزىتىپ مەلۇم قىلىپ تۇرۇشقا قويۇلغان كىشى؛ خائىن، جاسۇس: ئۇ پايلاقچىدىن مۇھىم ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىغا تولىمۇ خۇشال ئىدى.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پراكتىكا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] خىزمەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىمنى ئەمەلىي خىزمەتتە ئىشلىتىش ۋە سىناس جەريانى: پراكتىكا قىلماق. پراكتىكا جەريانى.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!