پ

پاسسات

ئىسىم [رۇسچە<نېمىسچە] <مېتېئورولوگىيە> ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۆۋەن ئاتموسفېرا قەۋىتىدە، شىمالىي يېرىم شاردىن چىقىدىغان شەرقىي شىمال شامىلى ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردىن چىقىدىغان شەرقىي جەنۇب شامىلى. بۇ خىل شامالنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆزگىرىدۇ.

پاشىئوت

ئىسىم [پاشا+ئوت] <بوتانىكا> ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى بىرەر مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ تىك، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلىدۇ.

پالېئونتولوگىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <بىئولوگىيە> گېئولوگىيىلىك تارىخىي دەۋرلەردىكى جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش، ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى جانلىقلارنىڭ يەر قاتلاملىرىدا، ساقلىنىپ قالغان ئىز، جەسەتلىرى ۋە تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت.