پ

پاسىق

سۈپەت [ئەرەبچە] ①بۇزۇلغان، چىرىگەن، سېسىغان: پاسىق سۆڭەكلەر ئاستىدىن جىنلار سەكرەپ چىقتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يامان، ئەخلاقسىز: مەن كەچۈرگۈسىز گۇناھقا گىرىپتار بولغان پاسىق ئادەم. ③پاسكىنا، ئىپلاس: شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ پاسىق جادۇگەردىن ئۆچ ئالماقچى بوپتۇ.

پاقا

①ئىسىم <زوئولوگىيە> قوش ماكانلىق ھايۋان. بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ؛ ئاغزى، كۆزى چوڭ؛ تېرىسى سىلىق، رەڭگى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتە يېشىل، كۈل رەڭ سەپكۈنلىرى بولىدۇ؛ بارماق ئارىلىقىدا نېپىز پەردىسى بار؛ سۇدا ياكى سۇغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ، كۆپىنچە قاراڭغۇدا ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئەركەكلىرىدە كۇركىراش ئورگىنى بولىدۇ، ئۈنلۈك كۇركىرايدۇ؛ ②ئاساسەن ئېتىزلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىگە پايدىلىق، بالىسى «قۇمچاق» دېيىلىدۇ. يېشىل پاقا ئادەتتە «ئېتىز توخۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ③ئىسىم. تۈگمەننىڭ تېشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۈمەكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلغان، تۆپە تاشنىڭ تۆشۈكى ئىچىدە تۇرىدىغان تۆت بۇرجەك ياپىلاق تۆمۈر: تۈگمەننىڭ پاقىسى.

پاقىلەش

ئىسىم [پاقا+لەش] <بوتانىكا> جىنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، سۇدا لەيلەپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، غوزا مېۋىسى سوقىچاق. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.