پ

پۇرچاق

ئىسىم <بوتانىكا> ①پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. دېنى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ②شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى: دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە (ماقال).

پۇرقەتلىك

سۈپەت. ئايرىلغان، جۇدا بولغان: ئەي ۋەتەن غېمىڭدا پۇرقەتلىك بېشىم، گەر ئۆلسەم زاتىمغا ئېتىم ئېلىشماس. سەن ئۈچۈن كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن يېشىم، دۈشمەنگە قارشى گاڭ ئوقتىن قېلىشماس.

پۇشت

ئىسىم [پارسچە] ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇقى ياكى تۇخۇمىدا بولىدىغان، مەلۇم شارائىتتا راۋاجلىنىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدىغان، ئۆز راۋاجلىنىشىنىڭ باشلانغۇچ باسقۇچىدىكى ھۈجەيرىسى: مەن ئۆز پۇشتۇمدىن تاپقان بالىنىڭ خۇي-پەيلىنى بۈگۈن بىلىۋالدىم. ②ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئەجدادى ۋە كېيىنكى ئەۋلادى، نەسلى: ھاكىم ھەرقانچە ئەرشىئەلاغا چىقىپ كەتسىمۇ يەنە شۇ بوۋاينىڭ پۇشتىغۇ؟

پۈتۈك

①ئىسىم. يېزىلغان، ئويۇلغان ياكى بېسىلغان يېزىق؛ خەت، مەكتۇپ، كىتاب: مەن كۆرگەن تېبابەت پۈتۈكلىرىدە «ماش تالقىنى يۈرەكنى ئاسرايدۇ، ئاغرىقنىڭ زەھىرىنى يۈرەككە ئۆتكۈزمەيدۇ» دېيىلگەن. ②سۈپەت. بوشلۇق تىنىپ قالغان؛ تۆشۈكى ئېتىلىپ قالغان، پۈتەي: بۇ يىڭنىنىڭ كۆزى پۈتۈك ئىكەن. ③بوغۇلغان، ياڭراق چىقمايدىغان بولۇپ قالغان: ئۈنى پۈتۈك.