پ

پۇل-پۇچەك

پۇل ۋە پۇلنىڭ رولىنى ئوينايدىغان نەرسىلەر:-ياخشى كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ. قورساق قايغۇسىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، پۇل-پۇچەككىمۇ، رۇزىغارغىمۇ ئېرىشتۇق،-دېدى مەسۇم ئاكام بىر يۆتىلىپ قويۇپ.

پۈتۈنلۈك

ئىسىم ①پۈتۈن ھالەت، پۈتۈن ھالەتتىكى شەكىل: پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى. *بۇ ھال بىزدىن پۈتۈنلۈكنى تەتقىق قىلىش ۋە پۈتۈنلۈكنى چۈشىنىش بىلەن قىسمەنلىكنى تەتقىق قىلىش ۋە قىسمەنلىكنى چۈشىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. <②پەلسەپە> زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەن شەرت بىلەن بىر پۈتۈن نەرسە ھالىتىدە تۇرۇشى، يەنى نىسبىي جىملىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان شەيئى ياكى جەريان.

پۈكلەنمەك

①«پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئەختەرنىڭ يانچۇقىدا پاتپاتلا چىرايلىق قىلىپ تۇمارچە پۈكلەنگەن خەتلەر پەيدا بولۇپ قالاتتى. ②«پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى پۈكلىنىپ تەزىم قىلىپ، ناسىر بىلەن تىنچلىق سوراشتى.