پ

پۇتلۇق

①سۈپەت. پۇتى بار، پۇت بېكىتىلگەن: تۆت پۇتلۇق شىرە. *مېھمانخانا ئالدىدا ئىنچىكە پۇتلۇق، ئويناقلىغان سېرىق ئاتلارغا مىنگەن ساقچىلار تۇراتتى. ②سۈپەت. مىقدارى مەلۇم پۇت ئېغىرلىقىدا بولغان.

پۇزا

ئىسىم ①ياغاچتىن ئىككى تەرىپى ئىنچىكە (تۇتقۇچلۇق)، ئوتتۇرىسى توم قىلىپ ياسالغان، مانتا، سامسىلارنىڭ جىلتىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سايمان. ②موزدۇزلارنىڭ ئاياغ كىيىمىنىڭ ئاپقۇت ۋە باشلىقىنى سۈرۈپ پارقىرىتىدىغان كىچىك ياغاچ سايمىنى.