پ

پارسچە

①سۈپەت. پارسلارغا، پارس خەلقىگە، پارس تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، پارس خەلقىگە خاس: پارسچە كىيىم-كېچەك. پارسچە يېزىق. پارسچە لۇغەت. ②ئىسىم. پارس تىلى، يېزىقى: مەن پارسچە ئۆگىنىۋاتىمەن. ③رەۋىش. پارس تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ، پارس تىلى، يېزىقى ۋاسىتىسى بىلەن: پارسچە سۆزلىمەك. پارسچە يازماق.

پاسخا

ئىسىم [رۇسچە] ①<دىن> خرىستىئانلارنىڭ، ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئاتاپ ئۆتكۈزىدىغان دىنىي بايرىمى. بۇ بايرام ئەتىيازدا كۈنتۈن تەڭلىشىپ، بىرىنچى قېتىم ئاي تولغاندىن كېيىن كېلىدىغان دەسلەپكى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ②يەھۇدىيلارنىڭ باھار پەسلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي بايرىمى.