پ

پاراخوتسىز

①سۈپەت. پاراخوتى يوق، پاراخوتقا ئىگە بولمىغان: دۇنيادا ھازىر پاراخوتسىز دۆلەتلەر قالمىدى. ②رەۋىش. پاراخوتتا ئولتۇرماي، پاراخوت بىلەن يۈرمەي: جۇڭگودىن ياپونىيىگە ئايروپىلان ياكى پاراخوتسىز بارغىلى بولمايدۇ.

پاراشۇت

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <ھەربىي ئىشلار> ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ياكى نەرسىلەرنى ھاۋا بوشلۇقىدىن يەرگە ئاستا قوندۇرۇش ياكى سەكرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈنلۈكسىمان ئەسۋاب.