پ

پرويېكسىيە

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] ①<فىزىكا> يورۇقلۇق تەسىرىدە بىر جىسىمنىڭ باشقا بىر جىسىم يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن كۆلەڭگىسى؛ ئەكسى. ②<ماتېماتىكا> بىر نۇقتىدىن بىر تۈز سىزىققا ياكى بىر تەكشىلىككە تىك ئۆتكۈزۈلگەندە ئىگە بولغان تىك سىزىق ئاساسىي نۇقتىنىڭ ئاشۇ تۈز سىزىق ياكى تەكشىلىكتىكى پرويېكسىيىسى دېيىلىدۇ؛ بىر كېسىك ئۈستىدىكى ھەرقايسى نۇقتىلارنىڭ بىر تۈز سىزىق ياكى بىر تەكشىلىكتىكى پرويېكسىيىلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق، بۇ كېسىكنىڭ ئاشۇ تۈز سىزىق ياكى تەكشىلىكتىكى پرويېكسىيىسى بولىدۇ.

پوست

ئىسىم <بىناكارلىق> ①دەرەخ، مېۋە، كۆكتات، دان قاتارلىقلارنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان قەۋىتى: ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى تولا (ماقال). ②ئادەم ۋە جانىۋارلارنىڭ بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نېپىز توقۇلما، تېرە ئۈستىدىكى يۇپقا پەردە: ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا (ماقال). ③يەرنىڭ ئۈستكى قەۋىتى: يەر پوستى. ④ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <ھەربىي ئىشلار> ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشقان جاي، ئىدارەجەمئىيەت ۋە باشقا مۇھىم جايلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەسكەر، قاراۋۇل: پوستتا تۇرماق.