پ

پۈتۈنلۈك

ئىسىم ①پۈتۈن ھالەت، پۈتۈن ھالەتتىكى شەكىل: پۈتۈنلۈك نەزەرىيىسى. *بۇ ھال بىزدىن پۈتۈنلۈكنى تەتقىق قىلىش ۋە پۈتۈنلۈكنى چۈشىنىش بىلەن قىسمەنلىكنى تەتقىق قىلىش ۋە قىسمەنلىكنى چۈشىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. <②پەلسەپە> زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەن شەرت بىلەن بىر پۈتۈن نەرسە ھالىتىدە تۇرۇشى، يەنى نىسبىي جىملىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان شەيئى ياكى جەريان.

پۈكلەنمەك

①«پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئەختەرنىڭ يانچۇقىدا پاتپاتلا چىرايلىق قىلىپ تۇمارچە پۈكلەنگەن خەتلەر پەيدا بولۇپ قالاتتى. ②«پۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى پۈكلىنىپ تەزىم قىلىپ، ناسىر بىلەن تىنچلىق سوراشتى.

پاخپايماق

پېئىل ①پاخپاق ھالغا كەلمەك (چاچ، ساقال، يۇڭ ھەققىدە): ئۇنىڭ چاچلىرى چۇغۇندەكنىڭ چاڭگىسىدەك پاخپىيىپ، يۈز-كۆزلىرىنىمۇ توسۇۋاپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. گۆلىيىپ نارازى بولماق: تۇرسۇن بىر پاخپىيىۋىدى مۇدىرنىڭ يېلى چىقتى.

پاخشە

سۈپەت [پارسچە] كاردىن چىققان، چېقىلغان، بۇزۇلغان، سۇنۇق: پاخشە تۇخۇم. پاخشە كېسەك. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئەرگە تەگكەن، ئەر يۈزىنى كۆرگەن؛ پېچىتى بۇزۇلغان: بىرگە تەگكەن ياخشى، ئىككىگە تەگكەن پاخشە، ئۈچكە تەگكەن باخشى (ماقال). ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مەغلۇپ بولغان، ۋەتۋەرىكى چىققان، يېڭىلگەن: ئۇ خۇددى سوقۇشۇپ پاخشە بولغان خورازلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.