پ

پۇت -قولىنى چۈشىمەك

بىرەرسىنىڭ ھەرىكىتىنى، پائالىيىتىنى چەكلەپ قويماق، قامال قىلماق، قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ قويماق: ئاممىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەيدىغان بۇنداق ئەمرىمەرۇپنى بەلگىلەپ بېرىش ئىنتايىن خاتا.

پۇتلىماق

پېئىل ①پۇت بىلەن باشقا بىرسىنىڭ پۇتىنى ئىلىپ، يېقىتىشقا ئۇرۇنماق: تۇرسۇن يولدا جىم كېتىۋاتقان ئەخمەتنى قەستەن پۇتلىۋەتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەك، مەلۇم ئورۇن ۋە ۋەزىپىدىن ئېلىۋېتىشقا ئۇرۇنماق: ئادىل ئىنىسىغا:-سادىقنىڭ نىيىتى يامان ئادەم، بىر كۈنى سېنى بىر ئىشتا پۇتلايدۇ،-دەپ جېكىلىدى.

پۇچۇلماق

پېئىل ①بىر پۈتۈن ساق نەرسىنىڭ مەلۇم بىر يېرى سۇنۇپ كەتمەك، پۇچۇقلانماق، پۇچۇق بولماق: چەينەكنىڭ جوغىسى پۇچۇلۇپ كەتتى. ②قاتلىنىپ پۇرلىشىپ، ئەسلىي قىياپىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەك: قوليازمىنىڭ چۆرىلىرى پۇچۇلۇپ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەرد-ئەلەم، ئازاب دەستىدىن ئەسلىي كۆرۈنۈشنى يوقاتماق، قورۇق چۈشۈپ، سەتلەشمەك (يۈز، چىراي ھەققىدە): ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ، گۈزەل ھۆسنى پۇچۇلغانىدى.

پۇراتماق

①«پۇرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: گۆشنى پۇرىتىپ قويماق. ياغ پۇراتماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە دېمەكچى بولغىنىنى ئەسكەرتمەك، شەپە بەرمەك، دارىتماق: ئۇ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي ئىشلارنى ئالاھىدە پۇراتتى.