ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

پارتلىغۇچ

①سۈپەت. پارتلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، پارتلايدىغان: پارتلىغۇچ دورا. پارتلىغۇچ ماددا. ②<تىل> تەلەپپۇز قىلغاندا نۇتۇق ئورگانلىرىدىن ھاۋانىڭ سىقىلىپ پارتلاپ چىقىشى بىلەن ھاسىل بولغان، ئېغىزدا توسقۇنلۇقنى يىمىرىپ پارتلاپ چىقىدىغان: پارتلىغۇچ تاۋۇش.

پاساڭ

ئىسىم. باش قوناق، قوغۇنتاۋۇز قاتارلىق ئۈزۈپ ئېلىنىدىغان زىرائەتلەرنىڭ چالا قالغان قىسمى: پاساڭ بولماق. پاساڭ قىلماق. *بۈگۈن پۈتۈن مەھەللىلەردىكى ئۇششاق بالىلار قوغۇن پاساڭ قىلدى.

پاقىيوپۇرماق

ئىسىم [پاقا+يوپۇرماق] <بوتانىكا> پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە تۇخۇمسىمان؛ گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە؛ ئۇرۇق ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش؛ يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.