ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

پىغانسىز

سۈپەت. پىغانى يوق، پىغاندىن خالىي: سەن كۆرۈندۈڭ يانبۇلاق ئەينەك بولۇپ، كۆرىمەن سادىرنى كۆرگەندەك بولۇپ. مەن پىغانسىز ناخشا ئېيتسام ئالدىدا، كەتتى يايراپ چېھرىسى گۈلدەك بولۇپ.

پىلتىكۈچ

ئىسىم ①پاختا ياكى پىلتىلارنى دوپپىنىڭ ئەستىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، دەستىلىك ئىنچىكە تۆمۈر چوكا: تۆپە پىلتىكۈچ. كېزەك پىلتىگۈچ. *پىلتىكۈچ بىلەن دوپپىنىڭ كېزىكىگە پىلتا بەرمەك. ②قۇلاق كولاشتا ۋە بەدەنگە دورا سۈرتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچىغا پاختا ئورالغان ياغاچ.

پىننە

ئىسىم <بوتانىكا> كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غول ۋە يوپۇرمىقى خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈشنى، ھۆللۈكنى قايتۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، قۇسۇشنى توختىتىدۇ.