ئەپلىك

سۈپەت ①مۇۋاپىق، قۇلاي، ئوڭۇشلۇق: نادەم ئۆمىلەپ بىر قەبرە يېنىغا ماڭدى. ۋارىسجانمۇ نادەمنىڭ كەينىدىن شۇ يەرگە بېرىپ ئەپلىك بىر جايغا ئورۇنلاشتى. ②چاققان؛ ئەپچىل: قىزچاقنىڭ ئەۋرىشىم بارماقلىرى ئاجايىپ ئەپلىك ئىكەن. ③كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغان، چېۋەر، ماھىر: قادىرنىڭ قولى ئەپلىك بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قوياتتى. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئىناق، ئىتتىپاق؛ يېقىن، ئېجىل: كەندىر تۈۋىدە كەكلىك، مەن يارىم بىلەن ئەپلىك. ئوڭ يېنىدا چېچى بار، تولغاپ سۆيگىلى ئەپلىك.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *