ئەقىدە

ئىسىم [ئەرەبچە] ①چىن كۆڭۈلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پىكىر، ئىشەنچ: رەيھان سادىقنىڭ ئۆز ئەقىدىسى يولىدا جان پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان قەتئىي، تەلەپچان، يۈكسەك غايىلىك ئەر ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى ئەمىن ئىدى. ②بىرەر نەرسە توغرىسىدا شەكىللەنگەن ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش ئادىتى، ئېتىقاد: ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن. ئەقىدەمگە يىغلايمەن. ③ئىشەنچ ۋە ئېتىقادقا ئاساسەن شەك يوق دەپ قارالغان قائىدە ۋە ھۆكۈملەر: رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇددى دىنىي ئەقىدىنى يادلاۋاتقاندەك، سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *