ئەسكى

سۈپەت ①ئىشلىتىلىپ، كۆپ تۇتۇلۇپ كونىرىغان، كونا، سۈپىتىدىن چۈشكەن: ئەسكى چاپان. ئەسكى كىگىز.*ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلگەندە ياخشى (ماقال). ②ئىستېمالدىن قالغان، تاشلىۋېتىلگەن، تاشلاندۇق: بۇنداق ئەسكى، سۇنۇق نەرسىلەرنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن؟-دەپ سورىدى ھۈسەن چوقۇر. ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. يامان، بۇزۇق، ئوسال، ناچار: ئەسكى ئادەم. ئەسكى قىلىق. ئۇ شۇمتەكنىڭ قىلىقى ئەسكى بولغان بىلەن كۆڭلى ياخشى ئىكەن.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *