1. پېئىل ①ياپماق، تاقىماق: ئۇ ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن ئەتتى. ②ئۆزئارا تۇتاشتۇرماق؛ تۈگمىلىمەك، ئىزمىلىمەك: بوۋام مېنى يولغا سالماقچى بولۇپ، خۇرجۇنۇمنىڭ ئىزمىسىنى ئالدىرىماي ئەتتى. ③توسماق، ياپماق؛ ئورىماق؛ تاڭماق؛ دالدا قىلماق: يۈزىنى ئەتمەك. كۆزىنى ئەتمەك. ④توسماق، تورىماق، باشقۇرماق: سۇنى ئەتمەك. باشلامنى ئەتمەك.
2. پېئىل ①ھەر خىل خام يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەك، ياسىماق، قىلماق: بۇ قىز دادىسىنىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىپ بېرىپ، ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن. ②بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرمەك، قىلماق: ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ ئەت (ماقال). شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال ئەتمە (ماقال). ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. دەپ بىلمەك، دەپ ھېسابلىماق، قاتارىدا كۆرمەك؛ تۇتماق: موماي:-قىزىم، ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر ھالدا ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت. بۇ يىگىت سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى، دەپتۇ.
3. ④«قىلماق» مەنىلىرىدىكى ياردەمچى پېئىل رولىدا كېلىدۇ ۋە تۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ياندىشىپ كېلىپ، ئۇنى پېئىللاشتۇرىدۇ: بەخش ئەتمەك. داۋام ئەتمەك.











