پېئىل ①بېسىپ مىجىقلىماق، يانجىماق؛ سىقىپ سۈيىنى چىقارماق: غۇلام ئالدىراش يۈگۈرۈپ كىردى-دە، پىشىپ تۈۋىگە چۈشكەن بىر شاپتۇلنى دەسسەپ ئېزىۋەتتى. ②ئۇرۇپ، سوقۇپ ئۇۋاقلىماق، يۇمشاتماق، ماكچايتماق: ئۇ يۇمشىتىلىدىغان خام دورىلارنى ھاۋانچىدا ئېزىۋاتاتتى. ③نەمدەپ ياكى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى چىقارماق، سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرماق: گۈلسۈم چاي ئىستاكانلىرىغا چاقماق قەنت سالدى-دە، چاي قوشۇقى بىلەن ئاستا مالتىلاپ ئېزىشكە باشلىدى. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. جەبىر، زۇلۇم سالماق؛ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق: ھۇسەيىننىڭ دادىسى گومىنداڭنىڭ چوڭ بىر ئەمەلدارى بولۇپ، خەلقنى ئېغىر ھالدا ئەزگەنىدى. ⑤كېسەل ياكى قىيىنچىلىق جىسمانىي جەھەتتىن بوشاشتۇرماق: خۇشاللىقنى ئۇنتۇدى پەرھات، يۈزلىرىدىن كۆچتى قىزىللىق. كۆزلىرىدە ئوينىدى ھەسرەت، ئەزدى ئۇنى مىسكىن يېتىملىك. ⑥ روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق، چۈشكۈنلۈككە ئۇچراتماق، قىينىماق؛ بىئارام قىلماق، ھاياجانلاندۇرماق: ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى يۈرەك-باغرىمنى ئەزدى. قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يۈرىكىمنى ئەزدى. ⑦ بىرەر گەپنى ئەزمىلىك بىلەن سوزماق، گەپنى چايناپ ئۇزارتماق: ئۇ بىرھازا ئەزمىسىنى ئەزدى، ئاڭلىماي كېتىۋېرەي دېسەم، «ھال پەيدا بولۇپ قاپتۇ»، دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











